جۇڭگو خۇسۇسىي كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو دائىرىلىرى خۇسۇسىي كارخانىلارنى قوللاشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. خۇسۇسىي كارخانىلارنىڭ كارخانا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش ۋە يەر بىلەن تەمىنلەشنى ياخشىلاش تىرىشچانلىقى كۈچەيتىلىدۇ.